تۇرپاندا ساياھەت يېتەكچىسى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر ياش ئابدۇراخمان مەمەت لاگېردىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئىنىسىدىن تاپشۇرۇۋالغان خەتنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلىۋەتكەنلىكتىن تۇتقۇن قىلىنغان.
ئابدۇراخمان مەمەت خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ يىل ئىيۇلدا ئۇنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامېرىكالىق تەتقىقاتچى جېنى بونن قۇرغان «شاھىت بىز» تورىغا يوللىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خەت توردا ئەڭ تېز سۈرئەتتە تارقالغان. نەتىجىدە قىسقىغىچە بىر ھەپتە ئىچىدىلا ئابدۇراخمان مەمەت يوقاپ كەتكەن.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئابدۇراخمان مەمەت شۇ خەتنى چەتئەلدە ياشايدىغان تۇغقىنى مۇھەررەم مۇھەممەد ئېلىگە لاگېرلارنىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت سۈپىتىدە ئەۋەتىپ بەرگەن. مۇھەممەد ئېلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەت «شاھىت بىز» تورى ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ساقچىلار ئابدۇراخمان مەمەت بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ خەتنى يەنە كىملەر بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىنى سورىغان. ئىيۇل ئېيىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە مۇھەررەم مۇھەممەد ئېلى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق تاغىسىنىڭ تۇرپاندا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
مەزكۇر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى ئابدۇراخمان مەمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تۇرپاندىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ، ئۇلاردىن ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغان.