ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم تەپتىش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-02-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىم يېقىندا تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دېلو تۇرغۇزۇپ، سوتلىشىغا يوللاپ بېرىلگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تارماقلىرىنىڭ 24‏-فېۋرال ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئابدۇرازاق سايىمنىڭ ئاتالمىش «سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان» لىقى، ئۇنىڭ «ھوقۇقى ۋە ئورنىدىكى قۇلايلىقتىن پايدىلىنىپ پارىخورلۇق قىلغان»لىقى، «كارخانا تىجارىتى، ھۆددىگەرلىك قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا باشقىلارغا پايدا بېرىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە بايلىق توپلىغانلىقى» ئېنىقلانغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە نازارىتىنىڭ تورىدىكى خەۋەردە يەنە، ئۇنىڭ «قانۇن-تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەتكە چېتىلغان»لىقى قەيت قىلىنغان. بىراق خەۋەردە، ئۇنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا كونكرېت قانداق خىلاپلىق قىلغانلىقى، كونكرېت قانچە پارا ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

خەۋەردە، ئابدۇرازاق سايىم بىلەن بىرگە يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە كان بايلىقلار قىدىرىش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى زېڭ شياۋگاڭ، تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق سېكرېتارى جاڭ ۋېنچياڭنىڭ «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تەپتىش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئابدۇرازاق سايىم 2016‏-يىلى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان. ئۇ بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، مائارىپ نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان. ئۇ ئۆتكەن يىلى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغاندا، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىكىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكى بىر قانچە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس نەزەربەند قىلىنغان. دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر نەزەربەند قىلىنغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھېچقانداق ئىز ‏-دېرىكىنى بەرمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت