كۆزەتكۈچىلەر خىتاينى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاشقا چاقىرماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق سەنئەتكارى ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ھاياتلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سىن كۆرۈنۈشى تارقاتقاندىن كېيىن بۇ خەلقئارادا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە بولغان دىققەتنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.

تۈركىيەدىكى «يېڭى شەپەق» گېزىتىنىڭ مەخسۇس ئىستون يازغۇچىسى ئابدۇللاھ مۇرادئوغلى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ھېلىھەم ھايات بولۇشى مۇمكىنلىكى كىشىنى سۆيۈندۈرسىمۇ، ئەمما بۇ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ كونا بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن. 

ئۇ يازمىسىدا «خىتاي دائىرىلىرى ئەمدى ئابدۇرېھىم ھېيتنى ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈشى، مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەتنىڭ ئۇنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق بۇ سىن كۆرۈنۈشىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك» دېگەن. 

ئابدۇللاھ مۇرادئوغلى ماقالىسىدە يەنە قىرىم تاتارلىرىنىڭ رەھبىرى مۇستافا جەمىلئوغلىنىڭمۇ 1970-يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تۈرمىسىدە ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغانلىقى، كېيىن خەۋەر يالغان بولۇپ چىققانلىقى، گەرچە ئۇ ھېلىھەم سۈرگۈندە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تۈرمىدە كۆرگەن قىيىن-قىستاقلىرىنىڭ ئۆلۈمدىن بەتتەرلىكىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇ «ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ھاياتتا بولۇشى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇچراۋاتقان نۆۋەتتىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملارنى يوققا چىقىرالمايدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن. 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا يۇرتىدا قۇل قىلىنىۋاتقانلىقىنى، 70 يىلدىن بۇيان ئاسسىمىلاتسىيەگە قارشى تۇرۇپ كەلگەن بۇ خەلقنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «قايتا تەربىيە» نامىدىكى لاگېرلارغا قامىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ماقالىدە ئاپتور يەنە دۇنيانىڭ ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانمايدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتنىڭ ئاللىقاچان سۇ يۈزىگە چىقىپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى بۇ رېئاللىققا دەرھال يۈزلىنىشى كېرەك» دېگەن. 

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 9-فېۋرال كۈنىدىكى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان لاگېرلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بىردىنلا جىددىيلەشكەن ئىدى. تۈركىيەنىڭ بۇ كۈچلۈك تەنقىدىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق راۋاجلىنىدىغانلىقىمۇ كۈچلۈك دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى. 

بۇ ھەقتە «ئەرەب خەۋەرلىرى» تور گېزىتىدە مايكىل كۇگېلمەن تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەر بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەمدىكى تەرەققىياتىغا قاتتىق دىققەت قىلماقتىكەن. چۈنكى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دىن ئورۇن ئېلىپ، مەبلەغ قازانماقچى بولغان تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋىتىنى ساقلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ ئەمما ئۇ سايلام ھارپىسىدا ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ۋە خەلقنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى نارازىلىق بېسىملىرى ئالدىدا داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ تۇرالمىغان ۋە ئاخىرى خىتاينى تەنقىدلىگەن. خىتاي بۇ ھەرىكىتى ئۈچۈن تۈركىيەدىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆچ ئالامدۇ. بۇ ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. بىراق مايكى كۇگېلمەنننىڭ قارىشىچە، «تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئوينىغان بۇ قىمارنىڭ قانداق ئاياغلىشىدىغانلىقى باشقا ئىسلام ئەللىرىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە قانداق پوزىتسىيە ئېلىشىنى بەلگىلەيدىكەن.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت