ئۇيغۇر خەلقى مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىدە ئۇنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ياد ئەتمەكتە

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-10-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى مەرھۇم يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىق خاتىرىسىدە ئۇنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ياد ئەتمەكتە.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى 19-سېنتەبىردىن بۇيان قۇمۇل، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن.

مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى «نەزىر» ياكى «ئىلىم چېيى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەم جامائەتچىلىكنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن.

خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھايات يولى، ئىجادىيەت مۇساپىسى ھەمدە ئۇنىڭ بىر يۈرۈش يالقۇنلۇق ئەسەرلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىي ئويغىنىشىغا كۆرسەتكەن چوڭقۇر تەسىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.

ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ 1940-يىللاردىن تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگىچە يازغان، مىللەتنى ھۆرلۈككە ۋە ئۈمىدكە چاقىرىدىغان بىر قىسىم يالقۇنلۇق شېئىرلىرى كۆپلىگەن تور بەتلىرىگە ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا قايتا-قايتا قويۇلغان.

مەلۇمكى، ئۆتكۈر ئەپەندى 20-ئەسىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى كۆرۈنەرلىك شەخس. ئۇنىڭ 1940-يىللاردىن بۇيان يورۇق كۆرگەن يالقۇنلۇق شېئىرلىرى، بىر يۈرۈش تارىخىي رومانلىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە بېغىشلانغان ئىلمىي ئەسەرلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىي ئىدېئولوگىيەسى ۋە پىكىر تارىخىغا چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.

ئۆتكۈر ئەپەندى 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھازىرغا قەدەر قايتا-قايتا بېسىلىپ كەلمەكتە ۋە خەلق تەرىپىدىن سۆيۈلۈپ ئوقۇلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت