ئادىل مىجىت، سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى قىياسلارنى كۈچەيتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

2018‏-يىلى ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان ئاتاغلىق ئۇيغۇر مۇزىكانت، ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن كومېدىيە ئارتىسى ئادىل مىجىت ھەققىدىكى يېقىنقى ئۇچۇرلار ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى قىياسلارنى كۈچەيتتى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتاغلىق مۇزىكانت، ناخشىسى سەنۇبەر تۇرسۇن كېلەر ئاي شاڭخەيدە نومۇر كۆرسىتىدىكەن. سەنۇبەر تۇرسۇن 2018‏-يىلى 12‏-ئايدا ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. ئۇنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۈمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، شاڭخەي مۇزىكا تىياتىرىنىڭ چېن فامىلىلىك بىر تەشۋىقات ئەمەلدارى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ 4‏-نويابىر كۈنى شاڭخەي مۇزىكا تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا نومۇر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر مۇزىكا تىياتىرىنىڭ 27‏-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈندىداردىكى ھېسابىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرىدا، سەنۇبەرنىڭ «ئۆز يۇرتىدا داڭلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنياغىمۇ داڭلىق بىر ئۇيغۇر مۇزىكانتى» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا ئۇيغۇر يازغۇچى، سەنئەتچىلىرىنى، تەتقىقاتچى ئالىملىرىنى، دىنىي ئۆلىمالىرىنى، جامائەت ئەرباپلىرىنى، تىجارەتچى، كارخانىچىلىرىنى، ئاۋام خەلق ئىچىدىكى دىندارلارنى لاگېرلارغا قامىغان ۋە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شۇ قاتاردا ئاتاغلىق كومېدىيە ئارتىسى ئادىل مىجىتمۇ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولغان. ئۇنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق كۆيئوغلى، ئادىل مىجىتنىڭ 2018‏-يىلى 11‏-ئايدىن بېرى ئىز-دېرىكى يوقلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ تىك-توك تورىدا ئادىل مىجىتنىڭ بىر مۇراسىمدا سۆزلەۋاتقان قىسقا ۋىدىيوسى تارقالغان. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇنىڭ ھارغىنلىق ۋە ئەندىشە چىقىپ تۇرغان چىرايىدىن ئېغىر ئىزتىراپ چەككەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە. 

نۆۋەتتە، سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ شاڭخەيدە نومۇر كۆرسىتىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئادىل مىجىتنىڭ تۇيۇقۇسىز تىك توك تورىدا پەيدا بولۇپ قېلىشى دىققەت قوزغىماقتا. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە، ئەنگىلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى رېيچېل خارىس «سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ شاڭخەيدە سەھنىگە چىقىشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قاراش بالدۇرلۇق قىلىدۇ» دېگەن.

تولۇق بەت