گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

16-ئىيۇل كۈنى، «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك مېڭە يۇيۇش سىياسىتى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. «ئىنسانلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. نېمىشقا خىتاي يەنە بۇنىڭغا ئۇرۇنىدۇ؟» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇھىم تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز يازغان.

ئادرىيان زېنز ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاز دېگەندە بىر يېرىم مىليون ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارغا كۈچلۈك شەكىلدە مېڭە يۇيۇش ياكى دىنسىزلاشتۇرۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇنىڭ خىتاي ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئادرىيان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسەتلەرنىڭ قارشىلىقنى ۋە رادىكاللىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقئى، ئۇنىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى بازارغا سېلىۋاتقان بۇ پەيتىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى چۆچۈتۈپ قويۇشتەك خەۋپلەرگە قارىماي، بۇنداق زالىملارچە بىر تاكتىكىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىدىكى سەۋەبنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرگەن:

«چۈنكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنى سىنىماي تۇرالمايتتى. ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى نىشانى ئىدېئولوگىيەنى مۇتلەق كونترول ئاستىغا ئېلىش ۋە شۇنداقلا خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى خىتاي كومپارتىيەسى خىتاي جەمئىيىتىدىكى كونتروللۇقىنى يوقاتقان تەقدىردە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. شۇ سەۋەبلىك، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئاللىقاچان سىنىلىپ مەغلۇپ بولغان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى بۈگۈن شىنجاڭدا تەتبىقلاۋاتىدۇ.»

ئادرىيان زېنىزنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، «خىتاينىڭ بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقىنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكا ئارقىلىق يەنىمۇ تاكامۇللاشقان شەكلى بولسىمۇ، «خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ناھايىتى مۇھىم بىر ئېلېمېنتنى - يەنى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن خىتاي جەمئىيىتىدە بىر قانچە قېتىم مەدەنىيەت تىرىلىشى يۈز بەرگەنلىكى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە شۇنداقلا خىتاي مىللىتىنىڭ ئۆز ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋە باشقا يېڭى مەدەنىيەتلەرگە يەنىمۇ چىڭ ئېسىلغانلىقىدەك پاكىتلارنى نەزەردىن ساقىت قىلماقتىكەن»

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا 1950-يىللاردا 3 مىليون ئەتراپىدا خرىستىيان بولغان بولسا، ھازىر بۇ رەقەم 100 مىليونغا يېتىپ، خىتاي كومپارتىيە ئەزاسىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. ئادرىيان زېنز يەنە تىبەتتە 2008-2006-يىللىرى ئارىسىدا تەتقىق ئېلىپ بېرىش جەريانىدا «ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان» دەپ قارالغان بىر قىسىم تىبەت ياشلىرىنىڭمۇ پۇرسىتى كەلسە تىبەت كىملىكىنىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ مانا بۇلارنى مىسال كۆرسىتىش ئارقىلىق مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ ھېچقاچان مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدىغانلىقىنى، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ سىياسەتنىڭمۇ ئوخشاشلا مەغلۇپ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت