ئافغانىستان پرېزىدېنتى خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىپ، بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-09-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي جۈمە كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، باش مىنىستىر لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئافغانىستاننىڭ لوگار ئۆلكىسىدىكى خىتاي مەبلەغ سېلىپ ئاچقان ئەينەك مىس كېنىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

خىتاي مېتاللۇرگىيە شىركەتلەر گۇرۇھى 2007‏-يىلى 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغان مەزكۇر مىس كېنىنىڭ ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. خىتاي ئافغانىستانغا تۆمۈر يول ۋە ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىشكە، باشقا ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ۋەدە قىلغان ئىدى.

ئارىدىن 6 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق تالىبانلارنىڭ ھەرىكىتى سەۋەبلىك مەزكۇر مىس كېنىنىڭ مەشغۇلاتى، مىس كېنىدىكى خىتاي ئىشچى ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ بىخەتەرلىكى جىددىي تەھدىتكە دۇچ كەلگەن. خىتاي مېتاللۇرگىيە شىركىتى توختامنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئافغانىستان كان ۋە نېفىت مىنىستىرى ۋاھىدۇللا شاھرانى يېقىندا بېيجىڭغا بېرىپ، مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كارزاينىڭ باياناتچىسى خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىگە دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتچىسى ئايمال فەيزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئەينەك مىس كېنى 3 قېتىم راكېتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمنى تالىبانلارنىڭ قايسى گۇرۇھى قىلغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئافغان-پاكىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى تۈركىستان ئىسلامى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ جۇڭگوغا جىددىي تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت