ئافرىقادىكى 16 دۆلەت ۋە بىر تەشكىلاتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019-09-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇرۇندى، ئۇگاندا، لېسوتو، جەنۇبىي ئافرىقا، بۇركىنا فاسو، كونگو، موزامبىك، جىبۇتى، سۇدان، زىمبابۋې ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق 16 دۆلەت ۋە بىر تەشكىلاتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق جايلىرىنى زىيارەت قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 18-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دېپلوماتلار ئاۋۋال تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدىكى كەسپىي تېخنىكا تەربىيە مەركىزىدە زىيارەتتە بولغان. بۇ جەرياندا ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» كە يۇقىرى باھا بېرىپ، رايوندا يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ھېچقانداق تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنىڭ دەل بۇ خىل كۈرەشنىڭ ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىدىن بولغانلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى نىڭ ناتوغرا ئىدىيە بىلەن يۇقۇملانغان ياشلارنى توغرا يولغا باشلىغانلىقى» نى مەدھىيەلىگەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، 16 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرى يەنە ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىمۇ كۆزدىن كەچۈرگەن. مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىرى ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز دەرىسلىكلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، «ئوقۇغۇچىلار» نىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارغا چۈشەنچە بەرگەن. نەتىجىدە دېپلوماتلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە بولغان مەمنۇنلۇقىنى ئىپادە قىلغان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئۈلگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل ئىيۇلدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ساختا ئۇچۇر بەرگۈچىلەر ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئافرىقادىكى 16 دۆلەت ۋە بىر تەشكىلاتنىڭ دىپلوماتلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەت قىلدۇرۇشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلئارانى ئالداش ئۈچۈن نومۇسسىزلارچە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ تىپىك بىر مىسالى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت