«ئالىبابا» «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نى سېتىۋالدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتايدىكى«ئالىبابا» شىركىتىنىڭ باش شتابى خوڭكوڭغا جايلاشقان نوپۇزلۇق گېزىت - «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نى سېتىۋالغانلىقى رەسمىي دەلىللەندى.

«جەنۇبىي خىتاي شەھەر گېزىتى» نىڭ 11 - دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئالىبابا» شىركىتى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى گۇرۇھى» نىڭ بارلىق ئاخبارات مۈلۈكنى سېتىۋالغان.

خەۋەردە «ئالىبابا» شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن ئىجرائىيە دىرېكتورى جوسىف سەينىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، ئۇ، گېزىتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىشلىرى تولۇق تاماملانغاندىن كېيىن، گېزىت تورىدىكى پۇللۇق سەھىپىلەر بىكار قىلىدىغانلىقى، بۇنداق بولغاندا، گېزىتنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنى كۆپەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» 112 يىللىق تارىخقا ئىگە كونا گېزىتلەردىن بولۇپ، ھازىرغىچە خوڭكوڭدا تۇرۇپ خىتايغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە مۇئەييەن دەرىجىدە بىتەرەپلىك پوزىتسىيىدە خەۋەر بېرىپ كەلگەن ئىنگلىز تىلىدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بىر ئىدى.

جوسىف سەي گېزىتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇندىن كېيىنمۇ سۈپەت ۋە ئىشەنچ تىن ئىبارەت گېزىت پىرىنسىپىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت