ئالما شىركىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تور ھۇجۇمىنىڭ نىشانى قىلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پەن-تېخنىكا گۇرۇھى-ئالما شىركىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئايفونغا قارىتا بۇ يىل 2‏-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان تور ھۇجۇمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

بۇنىڭ ئالدىدا گۇگۇل شىركىتى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ئايفوننىڭ يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى ئىزچىل خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكى، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئايفون قوللانغۇچى مەلۇم بىر ئىجتىمائىي توپنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گۇگۇل شىركىتى باياناتىدا بۇ ئىجتىمائىي توپنىڭ كىمنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى - CNN قاتارلىق تاراتقۇلار بۇ ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ خەۋەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، يۈز مىڭلىغان كىشىنى قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان بىر مەزگىلدە ئاشكارىلىنىشى خەلقئارادا ئالاھىدە دىققەت قوزغىغانىدى.

ئامېرىكىدىكى «ماسساچۇسىتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى» دە چىقىدىغان «تېخنىلوگىيەگە نەزەر» ناملىق تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئالما شىركىتى 6‏-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، گۇگۇلنىڭ خەۋىرىدە بەزى تەپسىلاتلارنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھۇجۇمنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. باياناتتا، ئايفون ھۇجۇمىنىڭ گۇگىل ئېيتقاندەك كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم ئەمەس، تار دائىرىلىك ھۇجۇم ئىكەنلىكى، ھۇجۇمنىڭ ئون نەچچە ئۇيغۇر تور بېتىگە ئەمەس، بىر قانچە ئۇيغۇر تور بېتىگە تەسىر قىلغانلىقى، شۇنداقلا ھۇجۇمنىڭ ئىككى يىل ئەمەس، 2 ئاي داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. «تېخنىلوگىيەگە نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گۇگۇلنىڭ باياناتچىسى ئالما شىركىتىنىڭ يۇقىرىقى باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئايفون ھۇجۇمىغا ئالاقىدار «مەزكۇر بىخەتەرلىك بوشلۇقىدىكى تېخنىكىلىق نۇقتىلارنى چىقىش قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىمىزدا چىڭ تۇرىمىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت