داڭلىق ئۇيغۇر سەنئەتكارى ئالماتادا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-10-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە كەڭ تونۇلغان مۆمىنجان ئابلىكىم قاتارلىق سەنئەتكارلار يېقىندا ئالماتىدا ناخشا - مۇزىكا كەچلىكى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بولغۇسى كونسېرتلىرى ھەققىدە قازاقىستاندا تارقىتىلىدىغان رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدىكى ئىجتىمائىي ئاممىۋى تورلىرىدىن «پەرۋاز»، «دوپپا»ۋە باشقىلاردا سۈرەتلىك ئېلان - سەنئەتلىرى بېرىلىشكە باشلىغان.

سۈرەتلىك ئېلانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، مۆمىنجان ئابلىكىم قاتارلىقلارنىڭ ناخشا كېچىلىكى 22 - نويابىر كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ زاللاردىن بىرى «جۇمھۇرىيەت سارىيى»دا ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ھازىردىن باشلاپ جىددىي بېلەت سېتىلىشقا باشلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مۆمىنجان ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم ئالماتادىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۇقىرى ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

ئالماتادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار سەنئەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ تارىخى ئانا ۋەتىنى - يەنى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشقا ئىنتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى، تىلى ۋە سەنئىتىگە بولغان قىزىقىش ئالاھىدە ئۆسمەكتە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياش سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان يىپەك يولى ساداسى ناملىق ناخشا - مۇزىكا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ تالانتىنى نامايان قىلىش قىزغىنلىقىمۇ قوزغالغان ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنى ھەر قايسى مەملىكەتلەرگە ئەۋەتىپ، سەنئەت فېستىۋاللىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى»ۋە «مۇقىم مەنزىرىسى»نى تەشۋىق قىلىشنىمۇ كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت