ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بۇلغانغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-12-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەلۇم بولۇشىچە، قالايمىقان كان ئېچىش ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى بۇلغىۋەتكەن. نەتىجىدە خىتاي دائىرىلىرى بۇ رايوننىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل تۇرىدىكى كانلاردىن 69 نى تاقىغان.

«يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 46. 800 كۋادرات كىلومېتىر چوڭلۇقتىكى بۇ تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايوندا كان ئېچىش پۈتۈنلەي مەنئى قىلىنغان. 

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە تۇتىشىدىغان ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى چاقىلىق ناھىيىسىگە تەۋە بولۇپ، چىڭخەي ۋە تىبەت ئېگىزلىكى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. 

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ رايوندا ياۋا قوتاز، ياۋا ئېشەك، تىبەت بۆكىنى قاتارلىق قوغدىلىدىغان ھايۋانلار، قوشلار بولۇپ 300 خىلدىن ئارتۇق ياۋايى ھايۋانلار ماكانلاشقان ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر رايوننى 1986-يىلى «دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى» دەپ ئەنگە ئالغان. 

ھالبۇكى، بۇ رايوندىكى قالايمىقان كان ئېچىش رايوننىڭ ئېكولوگىيەسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سالغان. 

خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: «ھالبۇكى، بۇ تاغلاردىكى ئالتۇن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول بايلىق مەنبەلىرى سەۋەبلىك بۇ يەرگە ئېچىلغان كان ۋە قۇرۇلۇشلار رايون مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە ھالسىراتقان ئىدى.»

خەۋەرگە قارىغاندا، مۇھاپىزەت رايوندىكى قانۇنسىز قۇرۇلۇش ۋە باشقىلار 2020-يىلىغىچە چېقىلىپ بولىنىدىكەن. 

چارشەنبە كۈنى خىتاي ئاخباراتلىرى باغراش كۆلى ئېكولوگىيەسىنىڭ بۇلغانغانلىقىغا ئائىت بىر خەۋەرنى ئاشكارىلىغان.

شىنخۇا ئاخباراتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ باغراش كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى 600 مىڭ مو قومۇشلۇقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە ۋە باغراش كۆلىنىڭ سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت