ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-09-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمىس مەتتىس ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جېيمىس مەتتىس چارشەنبە كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن كابۇلنى زىيارەت قىلغان. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جېيمىس مەتتىس كابۇلدا قىلغان سۆزىدە «بىز ئافغانىستاننى ئۇنداق رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىق ئارقىلىق ھاكىمىيەت تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان دۈشمەنگە تاشلاپ بەرمەيمىز،» دېگەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ستولتېنبېرگمۇ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە ۋەدە بېرىپ، مەزكۇر ھەربىي تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاۋارىچىلىككە دۇچ كەلگەندە چېكىنمەيدۇ... بىز ۋەدىمىزدە تۇرىمىز،» دېگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ئۆتكەن ئايدا ئۆزىنىڭ ئافغانىستان ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان. ئۇ، ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا، خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستانغا زور مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر-گۇۋادار ئىقتىسادى كارىدورى قۇرۇلۇشىغا تازا كىرىشكەن مەزگىلدە ئافغانىستاندىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر يەنە خىتاي، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندا داۋاملىق قوشۇن تۇرغۇزۇشىنى ئۆزىنىڭ قەشقەر-گۇۋادار ئىقتىسادى كارىدورى ئۈچۈن يوشۇرۇن تەھدىت، دەپ ئەندىشە قىلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جېيمىس مەتتىسنىڭ ئافغانىستان سەپىرى ئۇنىڭ ھىندىستان زىيارىتىدىن كېيىنكى ئىككىنچى بېكىتىدۇر. ئۇ كابۇلدىن بۇرۇن ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ، ھىندىستاننىڭ ئافغانىستاندىكى رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە ئۇنىڭ «ئافغانىستاننىڭ دېموكراتىيە، مۇقىملىق ھامدە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ زور كۈچ چىقىرىشى» نى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت