ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئۈچ ئاسىيا دۆلىتىنى زىيارەت قىلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-03-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تىللېرسون 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدىكەن. بۇ ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە قاراتقان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارك تونېرنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىن قارىغاندا، رېكس تىللېرسون ئۆزىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ دۆلەتلەردىكى زىيارىتى جەريانىدا، بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقلار، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىقتىسادىي ھەم بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق قانۇنلارنى كۈچەيتىش قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر رېكس تىللېرسون ئەپەندىگە تىۋىتتېر تورى ئارقىلىق قىلغان چاقىرىقلىرىدا، ئۇنىڭدىن خىتايدىكى زىيارىتى داۋامىدا چوقۇم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ھەرىكىتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىغا قىلىۋاتقان بېسىملىرىنى سۈرۈشتە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،رېكس تىللېرسون خىتاي زىيارىتىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قىممەت قارىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، «رېكس تىللېرسون ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت