ئامېرىكا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا B2 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى يۆتكىگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك قوماندانلىق شتابىنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابى قوللاش ئۈچۈن مەزكۇر قوماندانلىق شتابىغا ئاتوم بومبىسى تاشلاش ئىقتىدارىغا ئىگە 3 دانە B2 تىپلىق رادار كۆرۈنمەس بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتكەن.

ئامېرىكا «ئارمىيە گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر بومباردىمانچى ئايروپىلانلار شىمالىي كورېيە بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن كېيىن يۆتكەلگەن.

شىمالىي كورېيە بۇ يىل 6 - يانۋار بىر ۋودورود بومبىسى سىناق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە 7 - فېۋرال يىراق مۇساپىلىك راكېتا بىلەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىپ ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شىمالىي كورېيە دائىرىلىرى بۇ سەيشەنبە كۈنى يادرو بومبىسىنى كىچىكلىتىپ ياساپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2 - مارت ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىنقى يادرو سىنىقىغا قارشى كەڭ دائىرىلىك قاتتىق ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلغان. مەزكۇر ئىقتىسادىي جازا لايىھەسى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن ھازىرلانغان بولۇپ، لايىھە كېڭەشتە بىردەك قوللاشقا ئېرىشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي جازادا سۇ، قۇرۇقلۇق، ھاۋادىن شىمالىي كورېيەگە كىرىپ - چىقىدىغان بارلىق ماللارنى تەكشۈرۈش، ھاۋا ئارمىيەسىگە ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇلارنى قىسىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

شىمالىي كورېيە تەرەپ پەيشەنبە كۈنى يەنە ئىككى قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى دېڭىزغا ئېتىپ، ب د ت نىڭ يېڭى ئىقتىسادىي جازا تەدبىرىگە قارشىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا B2 تىپلىق 2 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا 2015 - يىلى كۈزدە بىرى قېتىم، ۋە 2013 - يىلى مارتتا بىر قېتىم ئەۋەتكەن.

ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابى ئامېرىكا قوراللىق قىسىملىرىغا قارايدىغان ئەڭ چوڭ قوماندالىق شىتابى. ئۇ ھىندى - ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىنى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت