ئامېرىكا قىتئەلەر - ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق خىتايغا سىگنال بەرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكىنىڭ قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىش ئارقىلىق خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە سىگنال بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى كەچتە قىتئەلەر - ئارا ئۇچىدىغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ ئالدىن بەلگىلەنگەن جايغا غەلىبىلىك تەگكۈزگەن.

«مىنۇتمان3» تىپلىق بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئەينى چاغدا ئوق بېشى ئورنىتىلمىغان بولۇپ، بومبا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى ۋاندەنبېرگ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئېتىلغان. بومبا سائىتىگە 15 مىڭ كىلومېتىر سۈرئەت بىلەن جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى مارشال تاقىم ئارىلىغان جايلاشقان 6 مىڭ 500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىشانغا يېرىم سائەت ئىچىدە دەل تەگكەن.

رېيتېرستا نەقىل قىلىشىچە، پۈتۈن سىناق جەريانىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت ۋورك ئامېرىكىنىڭ خىتاي، رۇسىيە ۋە شىمالىي كورېيەگە سىگنال بېرىش ئۈچۈن 2011 - يىلىدىن بۇيان بۇنداق سىناقلارنى 15 قېتىم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋورك سىناقتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: «بىز، رۇسلار ۋە خىتايلار بۇنداق سىناقلارنى دائىم ئېلىپ بارىمىز. بىزدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ياراملىق ۋە دائىم تەيياردۇر. بىز ئۆز دۆلىتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن يادۇر قوراللارنى ئىشلىتىش كېرەك بولسا شۇنداق قىلىشقا دائىم ھازىرمىز، مانا بۇ بىز يەتكۈزمەكچى بولغان سىگنال.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىنى يىللاردىن بۇيان ئۆز يادرو قىسىملىرىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشكە باشلىغان.

ئوباما ھۆكۈمىتى يادرو قوراللىرى ئۈچۈن بۇ يىللىق ھەربىي خام چوتتىن 1 مىليارد 800 مىليون دوللار ئاجرىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت