جون كېررى ھىندىستاننى زىيارەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-01-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى ئامېرىكىنىڭ بىر سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ يەكشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ ئەخمەداباد شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش ۋە سودا - ئىقتىساد يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىلىرى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ، جون كېررىنىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ھىندىستاننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ يەنە بۇ يىغىنغا قاتناشقان ھىندىستان ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى باشلىقلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشماقچى.

جون كېررى يەنە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوبامانىڭ ھىندىستان زىيارىتىنىڭ كۈن تەرتىپلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئامېرىكا ھىندىستان بىلەن بولغان سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مىقدارى 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتكەن.

كېررى شەنبە كۈنى ھىندىستانغا ئاتلىنىش ئالدىدا گېرمانىيىنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئامان دۆلىتىنىڭ باشلىقى كابۇس بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. كېررى يەنە ھىندىستان سەپىرىدىن كېيىن جەنۋەدە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەنمۇ كۆرىشىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت