ھىندىستان ئامېرىكىدىن ئىلغار ھەربىي قوراللارنى سېتىۋالغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-01-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پەيشەنبە كۈنى ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھىندىستاننىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

س ن ن تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يادرو ئوق بېشى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھىندىستاننىڭ ئەڭ ئىلغار قوراللىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن ھىندىستاننىڭ ئابدۇلكالام ئارىلىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

س ن ن نىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان ئېلىپ بارغان بۇ سىناق بەلكىم بىر قېتىملىق تېخنىكا سىنىقى دەپ قاراشقا بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان بىلەن چېگرا زىددىيىتى ئۆتكۈرلىشىۋاتقان خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان يەنە ئۆزىنىڭ دېڭىز ئاستى ئۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن جەمئىي 12 دانە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ھەربىي ئايروپىلان سېتىۋالغان. ھىندىنستاننىڭ يەنە بىر قانچە مىليارد دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھە سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكىنىڭ «سودا ۋەزىيىتى» گېزىتى خەۋىرىدە، ھىندىستاننىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ كۈچىيىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ھىندىستان ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ قېتىم ھەربىي تېخنىكا ۋە تاكتىكىلار ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە ئامېرىكا ۋە ھىندىستان ھەر ئىككىلا دۆلەتنىڭ خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ رايوندىكى ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىشىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت