ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تېللېرسون ھىندىستاننى مەدھىيىلەپ، خىتاينى تەنقىد قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-10-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تېللېرسون، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلىدىغان زىيارىتى ھارپىسىدا قىلغان بىر سۆزىدە ئامېرىكا-ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنى مەدھىيىلىگەن، بىراق ئۇ خىتاينى «دۇنيانىڭ تەرتىپىگە تەھدىت،» دەپ تەنقىد قىلغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تېللېرسون بۇ سۆزلەرنى چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى بىر ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە قىلغان سۆزىدە تەكىتلىگەن. ئۇ، 20 مىنۇتلۇق سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىن ھىندىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇ، «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارارى ئىنتايىن كەسكىن،» دېگەن.

رېكس تېللېرسون يەنە خىتاينى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھىندىستان بىلەن تەڭ يۈكسىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يېتەرلىك دەرىجىدە مەسئۇلىيەتچان ئەمەس. ئۇ ھەتتا ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردەك خەلقئارا سىستېما ئىچىدە ئىش قىلماي، خەلقئارالىق قائىدە- تۈزۈملەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. خىتاينىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە ھىندىستان ھىمايىسىدىكى خەلقئارا قانۇن ۋە تۈزۈملەرگە قىلىنغان بىۋاسىتە رىقابەتتۇر.»

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «تېللېرسون ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىغاندا ھىندىستاننى بەكرەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئىپادە قىلدى».

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھىندىستان بىلەن بولغان ھەر ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن. كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ ئاساسلىقى خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسى» نى چەكلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

رېكىست تېللېرسوننىڭ ھىندىستان، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار قاتارلىق دۆلەتلەرگە قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتى كېلەر ھەپتە باشلايدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت