ئامېرىكا ھىندىستان بىلەن ھەربىي كېلىشىم ئىمزالاپ، دۇنيانى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھىندىستان بىلەن 27-ئۆكتەبىر يېڭى دېلھىدا سۈنئىي ھەمرا ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالقىلىق بىر ھەربىي كېلىشىم ئىمزالاپ، خىتايغا كۈچلۈك سىگنال بەرگەن. ئانالىزچىلار بۇ كېلىشىم خىتاينىڭ رايوندىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ھالقىلىق سۈنئىي ھەمرا ئۇچۇرى باسقۇرۇلىدىغان بومبا، ئادەمسىز ئايرۇپىلان ياكى باشقا نىشانلارنى ئېتىپ چۈرۈش ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىكەن.

«تۈپ جۇغراپىيەلىك سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى» ناملىق ھۆججەت ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو، دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى مارك ئەسپېر بىلەن ھىندىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان. مايك پومپېيو بىلەن مارك ئەسپېر 26-ئۆكتەبىر «ئامېرىكا-ھىندىستان ئىستىراتېگىيەلىك دىيالوگى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن يېڭى دېلھىغا كەلگەن. رويتېرس ئاگېنتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مايك پومپېيو تۆنۈگۈن ئىككى دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئەركىنلىككە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىگە تەڭ تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مايك پومپېيو: «رەھبەرلىرىمىز ۋە پۇقرالىرىمىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ئوچۇق-ئاشكارىلىق ياكى دېڭىز قاتناش ئەركىنلىكى، ھىندى-تىنچ ئوكياننىڭ ئاساسى بولغان ئەركىن، ئوچۇق-ئاشكارا گۈللىنىشكە دوست ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈپ يەتتى،» دېگەن. دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى مارك ئەسپېر مەزكۇر كېلىشىمنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنى ئالغا سۈرۈشنىڭ «مۇھىم ئابىدىسى» دەپ تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت