ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا دۆلەت مۇداپىيە ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان «دۆلەت مۇداپىيە ئىجازەت قانۇنى» نى ماقۇللىغان ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەت ماقۇللانغان يېڭى قانۇندا خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە مۇھىم ماددىلار بار بولۇپ، ئۇلار دۆلەت مالىيەسىنى ئىشلىتىپ، خىتايدىن ئاپتوبوس ۋە ۋاگون قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشنى چەكلەش ھەم شۇنداقلا خۇاۋېي شېركىتىگە قويۇلغان جازا تەدبىرىنى بىكار قىلماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر قاتار ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، «دۆلەت مۇداپىيە ئىجازەت قانۇنى» دا يۇقىرىقى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيەسى ئۈچۈن خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
يۇقىرىقى بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى دەل خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئىككى يىللىق سودا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ۋاقىتلىق كېلىشىم ھاسىل قىلغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا دەرھال نارازىلىقىنى ئىپادە قىلغان. خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گاۋ فېڭ 26- دېكابىر كۈنىدىكى باياناتىدا «بىز ئامېرىكانىڭ يېڭى ‹دۆلەت مۇداپىيە ئىجازەت قانۇنى› دا خىتاينىڭ بىر قىسىم مۇئەسسەسەلىرىگە قارشى بىر تەرەپلىمە قاراش بارلىقىنى بايقىدۇق. بىز بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز ۋە بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەرنى ئالىمىز» دېگەن.
يۇقىرىقى قانۇندا خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى پويىز ياساش شېركىتى «CRRC» بىلەن «BYD MOTORS» ناملىق توكلۇق ئاپتوبوس ياسايدىغان شېركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈشنى چەكلەشتىن باشقا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نامايىشلارنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ماددىلارمۇ بار ئىكەن. خىتاي تەرەپ بولسا بۇنى «خىتاينىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق،» دەپ تەنقىدلىگەن.