ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بۇ يىل ئىچىدە تاماملاپ بولۇشنى كېلىشكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-02-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بومبا قالقان سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

ھازىر جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمىس ماتتىس ۋە جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە مىنىستىرى خۇاڭكىيو ئان ئىككىسى ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى باياناتىدا ئىككى تەرەپنىڭ بۇ قالقان سىستېمىسىنى ئەسلىدىكى پىلانغا ئاساسەن بۇ يىل ئىچىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنى جەنۇبىي كورېيەدە ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۆتكەن يىل تىلغا ئېلىنغاندىلا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، گەرچە ئامېرىكا - كورېيە ئىككى دۆلەت بۇ قالقان سىستېمىسىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو سىناقلىرىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىستېما ئوخشاش ۋاقىتتا خىتايغىمۇ تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى ئۆزىنىڭ تۇنجى سەپىرىنى ئاسىيادىكى شېرىك دۆلىتى كورېيە بىلەن باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى زىيارەت قىلىدىغان دۆلىتى ياپونىيە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت