ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ رامزان ئېيى تەبرىك سۆزى خىتايدا مۇنازىرە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-07-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 8-ئىيۇل كۈنى ئۆزى ۋە 1-خانىش مىشال ئوباما نامىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ رامزان ئېيىنى تەبرىكلەپ، مۇسۇلمانلارغا گۈزەل تىلەكلەر تىلىدى.

پرېزېدېنت باراك ئوبامانىڭ رامىزانلىق تەبرىك سۆزى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسىدا ئېلان قىلىنغان خىتايچە نۇسخىسى خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىنىپ، تورداشلار ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغىدى.

ئوبامانىڭ تەبرىك سۆزى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەردە، بېزىلەر ئوبامانىڭ رامىزانلىق تەبرىك سۆزىدىن ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بېزىلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ رامزان ئېيىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا قارىتا چىقارغان ھەر خىل چەكلىمە ۋە بەلگىلىمىلىرىنى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلىپ، ئوخشىمىغان تۈزۈم،ئوخشىمىغان قىممەت قارىشىدىكى دۆلەتلەردە پۇقرالارنىڭ دېموكراتىيىدىن بەھرىمەن بولۇشىدىمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت