ئامېرىكا ئوكىناۋا دائىرىلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى يۆتكەش قارارىغا تەستىق سالغانلىقىنى قارشى ئالدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھېيگېل بايانات ئېلان قىلىپ، ئوكىناۋا دائىرىلىرىنىڭ بۇ يەردىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى يۆتكەش قارارىغا تەستىق سالغانلىقىنى قارشى ئالدى.

ئالدىنقى كۈنى، ئوكىناۋا ئۆلكىسى باشلىقى ئامېرىكىنىڭ ئوكىناۋادا تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى يۆتكەش قارارنى تەستىقلىغان.

چاك ھېيگېل باياناتىدا مەزكۇر قارارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇنى بىر «بۇرۇلۇش نۇقتىسى» دېدى.

ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يېتىش، ھەمكارلىقىمىزنىڭ 21-ئەسر خەۋپسىزلىك رىقابەتلىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشتا دۇچ كېلىدىغان مۇرەككەپ ۋە قېيىن مەسىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى روشەن كۆرسىتىدۇ.

ئۇ يەنە مەزكۇر كېلىشىمنىڭ رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1996-يىلى ئامېرىكا-ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرى ئوكىناۋا ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىغا جايلاشقان فۇتېنما بازىسىنى تاقاشقا كېلىشكەن بولسىمۇ، بازىنى يۆتكەش مەسىلىسى يۆتكەيدىغان جاي چىقماي ھەل بولماي تۇرۇپ قالغان ئىدى.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى يۆتكەش مەسىلىدىكى ئىلگىرىلەش، خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى بارغانچە كۈچىيىۋاتقان مەزگىلىگە توغرا كەلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت