ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئۇكرائىنا پىكرى بىرلىكى ھاسىل قىلالمىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف جۈمە كۈنى لوندوندا كۆرۈشۈپ، ئۇكرائىنا كرىزىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىدى.

جون كەرىي، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چىگرىسى ۋە قىرىمغا ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىدىن «چوڭقۇر» ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لاۋروف بولسا رۇسىيەنىڭ يەكشەنبە ئۆتكۈزۈلىدىغان قىرىم ئومۇمى خەلق سايلىمىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن جون كەرىي، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر سايلامنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئىككى تەرەپ سۆھبىتى 6 سائەت داۋام قىلغان. سۆھبەتتىن كېيىن كېيىن لاۋروف مۇخبىرلارغا تەكىتلەپ، رۇسىيەنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش نىيىتى يوقلۇقى، بىراق رۇسىيە «قىرىم خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىدۇ» دېگەن.

ئەمما جون كەرىي لاۋروفنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر رۇسىيە «بىر چىقىش يولى تاپمىسا، بۇنىڭ بەدىلىنى ئۆتەيدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قىرىم ئومۇمى خەلق سايلىمىنى خەلقئارا قانۇن ۋە ئۇكرائىنا ئاساسى قانۇنىغا خىلاپ، ئەگەر كرىزىس يۇمشىمىسا رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ.

جۈمە كۈنى پرېزىدېنتى ئوباما رۇسىيەنى يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇردى. ئۇ، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا داۋاملىق خىلاپلىق قىلىنسا، بۇنىڭ بەدىلىنى ئۆيتەيدۇ، دېدى.

جۈمە كۈنى يەنە، 500 دەك قىرىملىق تاتار جۈمە نامىزىدىن قايتىپ، قىرىم پايتەختى سېمفىلېپولدا نامايىش قىلىپ، ئومۇمى خەلق سايلىمىغا قارشى تۇرغان. شۇ كۈنى يەنە، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىيدىكى دونېتسىك شەھىرىدە كىيېف ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچى ئۇكرائىنلار بىلەن موسكۋاپەرەس نامايىشچىلار توقۇنۇشۇپ بىر ئادەم ئۆلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت