ترامپ-پۇتىن سۆھبىتىدە خىتاي مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-07-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 16-ئىيۇل كۈنى فىنلاندىيەنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا سۆھبەتلەشتى.

سۆھبەت ئاخبارات ساھەسىدىن مەخپىي تۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن ھازىرچە سۆھبەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ئېنىق ئەمەس. سۆھبەتتىن كېيىنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دونالد ترامپ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلەشتۇق.

سودا ئىشلىرى، ھەربىي ئىشلار، يادرولۇق قوراللار مەسىلىسى، شۇنىڭدەك خىتاي ۋە خىتايغا دائىر بىر قىسىم مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدۇق» دېگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا سايلام ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ پاكىتلارغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سۆھبەتتە خىتاي مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغانلىقىغا قاراپ بەزىلەر بۇنىڭ يېقىندا باشلانغان ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى بىلەن ئالاقىسى بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەخمىن قىلماقتا.

خىتاي مەسىلىسىنىڭ يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقىشى ئامېرىكا ھەربىي ساھەسىدىمۇ تېگىشلىك ئىنكاس قوزغىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تېكساس شتاتىدا يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانلىق شتابى خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت بولىدىغانلىقىنى ئالغا سۈرگەن.

مەزكۇر قوماندانلىق شتابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن گېنېرال مارك مىللېي «ئۆتكەن 16 يىلدا ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراق ۋە سۈرىيە قاتارلىق جايلاردىكى قوراللىقلارغا قارشى ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە خىتاي ۋە رۇسىيە ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇۋالدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەمدى خاراكتېرى ئۆزگىرىۋاتقان ئۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىشى لازىم» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت