ئامېرىكا - رۇسىيە سۈرىيە مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-09-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جەنۋەدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان ئامېرىكا ۋە رۇسىيە دائىرىلىرى سۈرىيە مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگي لاۋروۋلار شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا سۈرىيەدىكى بارلىق خىمىيىلىك قوراللارنى كۆيدۈرۈشكە ئالاقىدار بىر كېلىشىم رامكىسى ھاسىل قىلغان.

بۇنىڭدا ئەگەر سۈرىيە ھۆكۈمىتى مەزكۇر كېلىشىمگە خاپىلىق قىلسا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى چەكلەش قارى چىقىرىش ھەتتا ھەربىي مۇداخىلە قىلىش چارىسىنى ئىشقا سېلىش قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا جون كەرىي، ب د ت قورال تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنىڭ سۈرىيەگە بۇ يىل نويابىرغىچە بېرىپ بولىدىغانلىقى، سۈرىيەدىكى خىمىيىلىك قوراللارنى يۆتكەش ۋە كۆيدۈرۈش خىزمىتىنىڭ 2014 - يىلىنىنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە تاماملىنىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەشر ئەل ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋام - پۇقراغا خىمىيىلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەسەد ھۆكۈمىتىگە جازا خاراكتېرلىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شۇندىن كېيىن روسىيە دائىرىلىرى بۇ ئىشقا ئارىلىشىپ، سۈلھى تۈزۈشكە تىرىشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت