ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما كەررى - لاۋروۋ كېلىشىمىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-09-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پرېزىدېنت ئوباما سۆزىدە مەزكۇر كېلىشىمنى «سۈرىيە كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تاشلانغان مۇھىم قەدەم» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سۈرىيىنىڭ خىمىيىلىك قوراللىرى مەسىلىسى ھەققىدە جەنۋەدە ئۈچ كۈن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نەتىجىسىدە شەنبە كۈنى پۈتۈشۈم ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ 2014 - يىلىدىن بۇرۇن بارلىق خىمىيىلىك قوراللىرىنى يوقىتىشى كېرەكلىكى ھەمدە بىر ھەپتە ئىچىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق خىمىيىلىك قوراللارنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇشى ھەققىدە قارار قوبۇل قىلدى.

بۇ، ئامېرىكا سۈرىيىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئەسەدگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت قىئوللىنىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقاندا رۇسىيىنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن ئامېرىكا ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار رەھبەرلىرىنىگ بىر ئارىغا كېلىپ، سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە تۇنجى قېتىم رەسمىي كېلىشىم ھاسىل قىلىشىدۇر.

ئەمما، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئەگەر ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىلىك قوراللانرى بىكار قىلىش ۋەدىسىدە تۇرمىسا ئامېرىكىنىڭ يەنىلا ئۇنىڭغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

كەررى بىلەن لاۋروۋ ئاسىرىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمنى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەر قارشى ئالدى. ئەمما، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بولسا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت قوللانمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت