ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىمالىي كورېيەگە يەنە ئىقتىسادىي چەكلىمە قويدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2018-02-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى شىمالىي كورېيەگە قارىتا يەنە بىر قاتار ئېغىر ئىقتىسادىي چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋ منيۇچىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قېتىمقى چەكلىمىلەرنىڭ كىم جۇڭئۇن رېجىمىنىڭ «خەتەرلىك قورال پروگراممىسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن ساختا ترانسپورت قىلمىشلىرىنى نىشان قىلغان» لىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە بۇ چەكلىمىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئالاقىدار بىر ئادەم، 27 شىركەت ۋە 28 دانە پاراخوتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سودا ۋە ترانسپورت شىركەتلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى چەكلىمىلەر شىمالىي كورېيەنىڭ دېڭىزدىكى قانۇنسىز كۆمۈر ۋە نېفىت توشۇش ئىشلىرىغا يار-يۆلەك بولىدىغان ھەرىكەتلەرنى كۆرۈنەرلىك توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئوچۇق دېڭىزدا مەھسۇلات توشۇش ئىقتىدارىنى بەربات قىلىدۇ.»

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەت چەكلىمە ئېلان قىلغان شىركەت ۋە پاراخوتلار شىمالىي كورېيە، خىتاي، سىنگاپور، خوڭكوڭ، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا جايلاشقان ئىكەن. 

منيۇچىن يەنە بۇ چەكلىمە ئارقىلىق دۇنيادىكى بارلىق ئەللەرگە ئۇچۇر بېرىدىغانلىقى، بۇ چەكلىمىدىن كېيىنمۇ شىمالىي كورېيە بىلەن سودا قىلغان ھەرقانداق شەخس ۋە شىركەت بايقالسا، بۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر كونسېرۋاتىپ سىياسىيونلارنىڭ يىغىندا سۆزلىگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ شىمالىي كورېيەگە قويۇلغان بۇ نۆۋەتلىك چەكلىمىنىڭ «ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر» ئىكەنلىكنى، بۇنىڭ بىر ياخشى نەتىجە بېرىشىگە تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي شىمالىي كورېيە بىلەن نورمال سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن ۋە شىمالىي كورېيەگە نېفىت قاتارلىق ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان بىردىن بىر دۆلەت ئىكەن.

بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي چەكلىمىلەرگە قارىماي شىمالىي كورېيەگە نېفىت سېتىشنى توختاتمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

ب د ت 5-يانۋاردا ئېلان قىلغان يېڭى ئىقتىسادىي چەكلىمە بويىچە، خىتاي شىركەتلىرى شىمالىي كورېيەگە ئېكسپورت قىلغان خام نېفىت يىلىغا 4 مىليون تۇڭدىن، بېنزىن 500 مىڭ تۇڭدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.

بۇ نۆۋەتلىك چەكلىمىنىڭ خىتاينىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان سودىسىغا يەنە قانداق زەربىلەرنى بېرىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت