ترامپ ھۆكۈمىتى خىتايدىن چىقىپ كېتىدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ياردەم بېرىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-05-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادىي مەسلىھەتچىسى لاررى كۇدلوۋ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرلىرىنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كېلىشنى خالايدىغان شىركەتلەرگە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بۇ سۆزنى ئامېرىكانىڭ فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى تاشلاپ، ئامېرىكاغا قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. بىز خوڭكوڭ ياكى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەر قانداق ئامېرىكا شىركىتىنى قارشى ئالىمىز، ئەگەر ئۇلار تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ ئەكەلسە، بىز ئۇلارنىڭ چىقىمىنى تولدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز ۋە يۆتكىلىش چىقىمىنى تۆلەيمىز».

لاررىي كۇدلوۋ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ خوڭكوڭ مەسىلىسىدىكى زومىگەر پوزىتسىيەسىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان بېرىدىغانلىقىنى، خوڭكوڭنىڭ بۇرۇنقىدەك خەلقئارالىق سودا مەركىزى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇس مەسىلىسىدە دۇنياغا راستچىل بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ۋۇخەندە تارقالغان ۋىرۇس دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ، زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي زىيانلارنى پەيدا قىلغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرلىرىنى خىتايدىن يۆتكەپ كېتىش مەسىلىسى زور مۇنازىرە قوزغىغانىدى.

ياپونىيە بۇنىڭدا باشلامچى بولۇپ، خىتايدىن قايتىپ كەلمەكچى بولغان ياپونىيە شىركەتلىرىگە 2 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغى ئاجراتقانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت