ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەتكە ئىشلىتىلىشى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇتلەق كونترولنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىشلەتكەن نۇرغۇن تېخنىكالىرىنىڭ ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرىدىن كىرگۈزۈلگەن بولۇشى مۇنازىرە قوزغاۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

26-نويابىر كۈنى «ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» دا كەڭ كۆلەملىك بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدا ئۆز تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى خىتايدىكى شىركەتلەرگە سېتىپ بەرگەن ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋاسىتىلىك بولسىمۇ خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسىغا چېتىلىپ قېلىشىنىڭ بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان بېرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.

ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا بەرپا قىلىنغان مۇتلەق نازارەت سىستېمىسى ئاساسەن ئامېرىكانىڭ Intel, Hewlett, Packard, Enterprise, Seagat قاتارلىق بىر قاتار شىركەتلىرىدىن سېتىۋالغان يۇقىرى تېخنىكىلىق زاپچاس-دېتاللارغا تايىنىپ تۇرۇپ ياسالغان ئىكەن ۋە بۇ شىركەتلەرنىڭ خىتايدىن ئالغان پايدىسى بىر قانچە مىليارد دوللار ئىكەن. ئەگەر بۇ شىركەتلەر ھەقىقەتەن رايوندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تەرىپىدىن «بۇ ئەسىرنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ» دەپ تەسۋىرلەنگەن بۇ كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىغا چېتىشلىق دەپ بېكىتىلگەن تەقدىردە، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىناۋىتى زور تەسىرگە ئۇچرايدىكەن. ئەگەر پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسىغا قارشى يەنىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئالسا، بۇ شىركەتلەرمۇ بەلگىلىك ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرايدىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، Hewlett Packard Enterprise شىركىتىنىڭ تەمىنلىگەن زاپچاسلارنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى نازارەت سىستېمىلىرىدا ئىشلىتىلگەنلىكى دەلىللىگەن. بۇ شىركەت «ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىگە ساتقانلىقىنى قوبۇل قىلغان، بىراق ئۇنىڭ قانداق ئورۇندا ۋە قانداق مەقسەتتە ئىشلىتىلىشىگە ئارىلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بۇ مەسىلىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز،» دېگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يازما ئىنكاسىدا «بىخەتەرلىك ئۈچۈن جامائەت ئورۇنلىرىنى كۆزىتىش خەلقئارادا ئورتاق قوبۇل قىلىنغان بىر ھەرىكەت،» دەپ جاۋاب قايتۇرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇر رايونىدا بىۋاسىتە تىجارەت قىلمىغان، ئۇلار پەقەت ۋاسىتىچى شىركەتلەرگە مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنىنى كونترول قىلىشى قېيىن ئىكەن. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر ئامېرىكادىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتايدىكى شىركەتلەرگە مال سېتىشىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغان ۋە ئۇنىڭغا چەكلىمە قويىدىغان سىياسەتلەر ئۈستىدە جىددىي ئىزدەنمەكتىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كونترول سىياسىتىدە رول ئوينىغان 8 خىتاي تېخنىكا شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 خىتاي مۇئەسسەسەسىنى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىشى ئەنە شۇ خىل تىرىشچانلىقلارنىڭ بىرى ئىكەن. چۈنكى «خىكۋىژيون» كۆزىتىش ئاپپاراتى ياساش شىركىتى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا قىلىشى قېيىنلىشىپ، تارتىۋاتقان يىللىق زىيىنى بىر مىليارد دوللارغا يېتىپ بارغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت