ئامېرىكا سودا ۋەكىلى: «ئامېرىكا قانۇنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەيدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى روبېرت لايتخايزېر 17-ئىيۇن كۈنى مۇخبىرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مەھسۇلاتلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا قانۇنىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەڭەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرگۈزۈلۈشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئامېرىكا قانۇنلىرىنى «قاتتىق ئىجرا قىلىدىكەن».

لايتخايزېر بۇ سۆزلەرنى پرېزىدېنت ترامپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» غا ئىمزا قويغان شۇنداق ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى «مېيشىن چاچ مەھسۇلاتلىرى شىركىتى» نىڭ چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان كۈنى قىلغان. رادىيومىز ئىلگىرى مەزكۇر شىركەتنىڭ چاچ مەھسۇلاتلىرىغا لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چېچىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن. مەزكۇر ئۇچۇر ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ «مېيشىن شىركىتى» ئىشلەپچىقارغان چاچ مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىشىگە تۈرتكە بولغان ئىدى.

لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لايتخايزېر يەنە بۇ يىل 1-ئايدا ئىمزالانغان ئامېرىكا-خىتاي 1-باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى، مەۋجۇت ئامېرىكا قانۇنلىرىنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لايتخايزەر بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكادا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ، لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان خىتاي كارخانىلىرىنى جازالاش سادالىرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت