ئامېرىكا سۈرىيەگە 400 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-01-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدە سۈرىيەگە 400 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئاساسلىقى «ئىراق - شام ئىسلام دۆلىتى» گە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانچىسى ستېۋ ۋاررېننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بۇ ئەسكەرلەرگە يانداش ھالدا يەنە يۈزلىگەن ياردەمچى خادىملارنى قوشۇپ ئەۋەتىدىكەن.

ھالبۇكى، ئۇلار ئامېرىكا ئەسەرلىرىنىڭ قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، تەربىيىلەشنىڭ قايسى ئورۇندا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە يەنە، تەربىيىلەش بۇ يىل باھاردا باشلىنىدىكەن.

ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئىراق ۋە كۇرد جەڭچىلىرىنى تەربىيەلەش ئۈچۈن بۇ رايونلارغا 3 مىڭ نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئەۋەتكەن ۋە بۇلارنىڭ جەڭ قىلىش ۋەزىپىسى ئۆتىمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇندىن بۇرۇن سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنى ھەربىي قورال - ياراقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بىر قىسىم ھەربىي ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت