تۈركىيىدە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەري ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا 60 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.
جون كەري بۇنى 2 - مارت تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات يىغىنى چاقىرغاندا بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: پرېزىدېنت ئوباماغا ۋاكالىتەن شۇنى جاكارلايمەنكى، ئامېرىكا سۈرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرىگە 60 مىليون دوللار ياردەم سوممىسىنى دەرھال يەتكۈزىدۇ.
يېڭى تەيىنلەنگەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھەيگىلمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگە ھەربىي قوراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغا ياردەم بېرىش ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى سۈرىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.