ئامېرىكا سۈرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش چارىسىنى ئويلاشماقتا

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-08-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما سۈرىيەدىكى توقۇنۇشقا ھەربىي ئارىلىشىش چارىسىنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا نۆۋەتتە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ھەربىي پاراخوتلىرىنى كۆپەيتىشكە باشلىغان.

مالايشىيادا زىيارەتتە بىلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاك ھېيگېلنىڭ شەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئۇلاردىن سۈرىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى سورىغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: پرېزىدېنت سورىغان ئىكەن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پرېزىدېنتنى ھەرقانداق ئېھتىماللىق قارىشى ئېلىنىدىغان تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن تەمىنلەش مەجبۇرىيىتىگە ئىگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: قوشۇن ۋە ئەسلىھەلىرىمىزنىڭ ئوخشىمايدىغان تەدبىرلەرنى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلالىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى شەرت.

سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى دەمەشقنىڭ شەرقىدىكى غوتا رايونىدا چارشەنبە كۈنى كەچتە يۈزلىگەن ئادەمنىڭ خىمىيىلىك بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن، بۇ دۇنيا خاراكتېرلىك غۇلغۇلا قوزغىغان.

ھالبۇكى، ئەسەد ھۆكۈمىتى خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى تەن ئالمىغان ئىدى.

شەنبە كۈنى فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارانت بافۇيۇس: قولىمىزدىكى ئۇچۇرلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى دەمەشققە يېقىن جايدا خىمىيىلىك قورال بىلەن قەتلىئام يۈرگۈزۈلدى، بۇنىڭغا بەشەر ئەسەد ھۆكۈمىتى مەسئۇل، دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت