جون كەرري: سۈرىيە خىمىيىلىك قورال بىلەن 1429 كىشىنى ئۆلتۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررىي 30-ئاۋغۇست بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى بىلدۈردى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە قارشى خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

جون كەررىي مۇنداق دېدى: سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچىلەرگە قارشى خىمىيىلىك قوراللارنى ئىشلىتىپ، 1 مىڭ 429 كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە 426 نەپەر بالىمۇ بار. بۇ ئىشىنىش تەس بولغان تېررورلۇق قىلمىشى.

جون كەررىي يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنى خىمىيىلىك قوراللار ئارقىلىق قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا سۈكۈت قىلمايدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كېيىنكى قەدەمدە ئامېرىكا خەلقى ۋە پارلامېنتنىڭ قارارىغا ئاساسەن سۈرىيەگە قانداق ھەرىكەت قوللىنىشنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت