ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى سۈرىيەگە ھەربىي مۇداخىلە قىلىش قارارىنى ماقۇللىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013-09-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشىقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەگە ھەربىي مۇداخىلە قىلىش قارارىنى ماقۇللىدى. بۇنىڭدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى جازالاش شەكلىدە چەكلىك دائىرىدە نىشانلىق زەربە بېرىشى تەستىقلانغان.

نۆۋەتتە مەزكۇر قارار لايىھىسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا تولۇق ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

ئامېرىكا ئاقساراي تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ مەزكۇر ماقۇللۇقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئوبامانىڭ سۈرىيەگە نىشانلىق زەربە بېرىش ئىلتىماسنى قوللاپ بىلەت تاشلىغان.

مەزكۇر قارارنامە دۆلەت مەجلىسىدە ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسىغا يوللانغان.

ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ 21 - ئاۋغۇست بىگۇناھ خەلققە خىمىيىلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلىپ 426 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يېرىم مىڭغا يېقىن ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوباما ھۆكۈمىتى سۈرىيەدىكى كرىزىسقا ھەربىي مۇداخىلە قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت