ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى خىتاينى بىئارام قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بۇيان تەيۋەن بىلەن بولغان دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇكاڭ 27-ماي، دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى ئۈزۈشكە چاقىرغان.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، يېقىندا، تەيۋەننىڭ دۆلەتلىك خەۋپسىزلىك كېڭىشى رەئىسى داۋىد لى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىپ، ئامېرىكا دۆلەتلىك خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جون بولتون بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ، 1979-يىلىدىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇنىڭ ئالدىدا يەنى 25-ماي شەنبە كۈنى، تەيۋەن ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا غەيرىي رەسمىي ئەلچىخانىسى سۈپىتىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شىمالىي ئامېرىكا ئىشلىرى ھەمكارلىق كېڭىشى» ناملىق ئىشخانىسىنىڭ ئىسمىنى ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتىن كېيىن رەسمىي ھالدا «تەيۋەننىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى كېڭىشى» دەپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. CNN نىڭ ئېيتىشىچە، بۇمۇ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ئىسىملىرىنىڭ تەيۋەننىڭ رەسمىي بىر ئورگانىنىڭ نامى سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم بىرگە قوللىنىلىشىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى لۇكاڭ بولسا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «بىر جۇڭگو» سىياسىتى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىز ئىككى جۇڭگو قۇرۇش ياكى بىر تەيۋەن ۋە جۇڭگو شەكىللەندۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن.

ھالبۇكى، تەيۋەننىڭ ھەربىي ئىشلار باياناتچىسى گېنېرال چېن چۇڭچى ئامېرىكا-تەيۋەن ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

CNN نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ گېنېرال سۆزىدە، تەيۋەننىڭ خۇددى ئامېرىكىغا ئوخشاش ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا تىنچلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇ ئامېرىكا ۋە تەيۋەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن» دېگەن.

سەيشەنبە كۈنى يەنە، تەيۋەن ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ يىللىق ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىغان. بۇ، خىتاينىڭ بولغۇسى تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان مانېۋىر بولۇپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن F-16V تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ مەشىقىنى بىۋاسىتە كۆرگەن. تەيۋەندىكى يۈزلىگەن ئامما كوچىلارغا چىقىپ، تەيۋەن بايرىقىنى لەپىلدىتىپ ئۆز ئارمىيەسىگە مەدەت بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت