CIA باشلىقى مايك پومپىيو ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا كۆرسىتىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىغا نامزات كۆرسىتىلگەن «ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى»، يەنى CIA نىڭ باشلىقى مايك پومپىيونىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە قارىتىلغان تاشقى سىياسەتلەرگە زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

سەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا CIA نى باشلىقى مايك پومپىيونى كۆرسەتكەن ئىدى. «بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، ترامپنىڭ قارارى بەزى سىياسەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. چۈنكى ئۇلار مايك پومپىيونى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى رىقابەتچىسى ۋە ئۇلارغا قارىتىلىدىغان تاشقى سىياسىتىدە ئاكتىپ بىر ئۆزگىرىش ياسايدۇ، دەپ قارايدىكەن.

مايك پومپىيو ئەينى ۋاقىتتا «خىتاي ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىر يوشۇرۇن خەۋپ» دېگۈچىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا «ۋاشىنگتون ئەركىن كۆرسەتكۈچ» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت،» دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ شۇ قېتىملىق سۆزىدە «مەنچە، خىتاي ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتتە ئامېرىكىغا رىقابەتچى بولالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە. خىتاي ئارمىيەسى مەخسۇس ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى قۇدرىتىگە قارشى تۇرۇشنى كۆزلىگەن ئاساستا ئۆز كۈچىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىرىنى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى، شەرقىي دېڭىزدىكى ۋە ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ،» دېگەن ئىدى.

«بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە، ئەگەر مايك پومپىيونىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان تەقدىردە پرېزىدېنت ترامپنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشىگە يول ئېچىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت