ئامېرىكا خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئەلچى تەيىنلىگەن

مۇخبىرىمىز ئالىم
2020-01-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن 22-يانۋار كۈنى ئالاھىدە ئەلچى تەيىنلىگەن.

«تاشقىي ئىشلار» ژۇرنىلىنىڭ بۇ توغرىسىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىغا قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاكى يېقىنغىچە شىمالىي كورىيە ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن مارك لەمبېرت ئەپەندىنى بۇ مۇھىم ئورۇنغا تەيىنلىگەن.

ئامېرىكا يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ ب د ت دا بىرمۇنچە ئۇششاق دۆلەتلەرنى كەينىگە سېلىپ، ئۆزىنىڭ» بىر بەلۋاغ بىر يول «قۇرۇلۇشى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىكى باشقا مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلگەن. بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكانىڭ ب د ت قارمىغىدىكى بەزى مۇھىم ئورگانلاردىن چېكىنىپ چىقىشى خىتاينىڭ ب د ت دىكى بۇ گەۋدىلەرگە ئىچكىرلەپ كىرىشىگە بوشلۇق يارىتىپ بەرگەن ئىكەن. 

يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئالاھىدە ئەلچى مارك لەمبېرتنىڭ خىتاينىڭ ب د ت دىكى تەسىر دائىرىسىنى چەكلەشتە دۇچ كېلىدىغان تۇنجى سىنىقى 5-6-مارت كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان «دۇنيا ئەقلىي مۈلۈك تەشكىلاتى» نىڭ باش دىرېكتورىنى سايلاپ چىقىش ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت دىكى بۇ مۇھىم ئورگاننى ئۆز قولىغا كىرگۈزىۋېلىش ئۈچۈن ۋاڭ بىنيىڭنى كاندىدات قىلىپ كىرگۈزگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت