ئامېرىكىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى جايلاشقان جايغا «ليۇ شاۋبو مەيدانى» دەپ نام بېرىش لايىھەسى خىتاينى نارازى قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى دۆلەت مەجلىس ئەزاسى تېد كرۇز ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى جايلاشقان مەيدان ئىسمىنى «ليۇ شاۋبو مەيدانى» دەپ ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى مەجلىستە ئاۋازغا قويۇپ خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەگەر مەزكۇر لايىھە ماقۇللانسا بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئېغىر بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ سەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن بۇ لايىھەگە قاراپ چىقىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ۋە 2016-يىللىق پرېزىدېنتلىق سايلىمى نامزاتى تېد كرۇز تەرىپىدىن ئاۋازغا قويۇلغان بۇ لايىھە ئەگەر قوبۇل قىلىنسا، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئادرېسى «ليۇ شاۋبو مەيدانى 1-نومۇر» غا ئۆزگىرىپ قالىدىكەن.

بۇ لايىھە نۆۋەتتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن. ئەمما ئۇنىڭ رەسمىي قانۇنلىشىشى ئۈچۈن ھەم ئاۋام پالاتاسىنىڭ ۋە ئاخىرىدا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ تەستىقىدىن ئۆتىشى كېرەك. بىراق، خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاقساراي باياناتچىسى مارك تونېر بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مەزكۇر لايىھەنىڭ ئوباما تەرىپىدىن تەستىقلىنىش ئېھتىمالىنىڭ تۆۋەنلىكىنى، چۈنكى بۇ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئىجابىي ئۇسۇللار ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ئۆزگەرتىش تىرىشچانلىقلىرىغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت