خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جيېچى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دونالد ترامپ ئاقسارايغا كىرگەندىن بۇيان خىتاي ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى - خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جيېچىنى ۋاشىنگتونغا ئەۋەتكەن.

بۇ، خىتاي بىلەن ترامپ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا كۆرۈلگەن بىر مەھەللىك «سوغۇقچىلىق» تىن كېيىن خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكىغا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنى ئەۋەتىشى ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياڭ جيېچىنىڭ ۋاشىنگتون زىيارىتى «ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئۆز-ئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش» نى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، دونالد ترامپ ئاقسارايغا كىرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە گەرچە تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشكەن، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زېمىن كېڭەيمىچىلىكىنى تەنقىد قىلغان شۇنداقلا بېيجىڭنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇزاق ئۆتمەيلا شى جىنپىڭغا تېلېفون قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان يىرىكچىلىكنى يۇمشىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ياڭ جيېچى ئىلگىرى خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ شى جىنپىڭنىڭ چەتئەل سىياسىتى بويىچە باش مەسلىھەتچىسى ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ياڭ جيېچىنىڭ ئارىدىكى «سوغۇقچىلىق» نىڭ پەردىسىنى قايرىپ، ۋاشىنگتونغا كېلىشى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ترامپ دەۋرىدىكى يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دەپ ھېسابلىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت