خىتاي پروفېسسور خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-02-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئىقتىساد پروفېسسورى شيا يىلياڭ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىلمىي ئەركىنلىك پرىنسىپى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دېموكراتىيە، سۆز ئەركىنلىكى ۋە لىبېرال ئىقتىساد چۈشەنچىسى بىلەن تونۇلغان شيا يىلياڭ، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن خىزمىتىدىن توختىتىلغان. لېكىن ئۇ ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات ئورنىغا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

شيا يىلياڭ ئامېرىكا كاتو ئىنستىتۇتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ ئېھتىمال خىتاي ئىستىبدات سىستېمىسىغا ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىپ، ئۇنىڭغا غەرەزسىز ياردەم قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئېھتىمال ياخشى مىسال بولماسلىقى مۇمكىن، گىتلېر بۈگۈن ياشىغان بولسا، ئۇمۇ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان بولاتتى. بەزىلەر ئۇلارنى سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ، دېيىشى مۇمكىن. بىراق بەزى ئەھۋاللار بەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

شيا يىلياڭ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىغا قارشى ئەمەسلىكى، لېكىن ئۇنىڭ ئىلمىي ئەركىنلىك پرىنسىپىدىن ۋاز كەچمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ: مەن ئالدىنقى قاتاردىكى بارلىق ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، سىلەر خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ پايدا ئالدۇق، دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن، بىراق كەلگۈسىدە كىمنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس، دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت