خىتاي، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىكى خىتايغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-02-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان دوكلاتىدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ تورنى كونترول قىلىپ، ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىپلا قالماي، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەر خىل ھوقۇقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دوكلاتتا، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي تىلىغا مەجبۇرلاپ، ئۇيغۇر تىلىغا چەكلىمە قويۇۋاتقانلىقى، كۆچمەن يۆتكەپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە خەنزۇلارنى بىر تەرەپلىمىلىك مەنپەئەتدار قىلىۋاتقانلىقى، تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، سىياسىي، دىنىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

لېكىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ ئامېرىكىنى ئىككى خىل ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن تەنقىد قىلغان.

ئۇ: ئامېرىكا دائىم باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىغۋا تارقىتىدۇ، مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. لېكىن ئۆزىدىكى مەسىلىنى كۆرمەسكە سالىدۇ. بۇ ئەنئەنىۋى ئىككى خىل ئۆلچەم قوللانغانلىق، دەپ كۆرسىتىپ، خىتاينىڭمۇ ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت