ئاق ساراي، ئامېرىكانىڭ تېببىي لاۋازىمەتلەردە خىتايغا تايىنىشىغا خاتىمە بېرىشنى قارار قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-03-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاق ساراي ئامېرىكانىڭ تېببىي لاۋازىمەتلەردە خىتايغا تايىنىش ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىشنى قارار قىلغان. ئاق ساراينىڭ سودا-ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋارو ھۆكۈمەتنىڭ تىببىي لاۋازىمەتلەردە چەتئەلگە تايىنىپ قېلىش ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىر مەمۇرىي بۇيرۇق ھازىرلاۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارى ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى تېببىي لاۋازىمەتتە خىتايغا تايىنىپ قېلىش ۋەزىيىتىگە قارىتا جىددىي ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مەزگىلدە چىقىرىلدى. ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بەزى ئەزالىرى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ترامپ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىسىنى ئىپادىلىگەن. كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركۇ رۇبىئو پرېزىدېنت ترامپتىن كېڭەش پالاتاسىنىڭ «دورىگەرلىك ۋە تبىئىي لاۋازىمەتلەرنىڭ تەمىنات مەنبەسىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىلانىنى قوللىشى» نى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكانىڭ ئانتى-بىئوتىك ۋە تېببىي لاۋازىمەتلەردە ھەددىدىن زىيادە خىتايغا تايىنىشى، ئۇنىڭ خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇشىغا بەلگىلىك قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئانتى-بىئوتىك دورىلىرىنىڭ 90 % نى خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىكەن. لېكىن خىتاي بۇ قېتىمقى ۋىرۇستا ماسكا قاتارلىق بەزى تېببىي لاۋازىمەتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن. «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پېتىر ناۋارو «خىتاي باشقا ساھەلەردە ئادالەتسىز سودا ۋاستىلىرىنى قوللانغاندەك تەمىنات ساھەسىدىمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانماقتا» دېگەن. پېتىر ناۋارونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ قارارى كېلەر ھەپتىلەردە ئېلان قىلىنىدىكەن. ناۋارو «پرېزىدېنت ترامپ ئېيتقاندەك بىزنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئاممىۋىي سەھىيە، ئىقتىساد ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت