ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باياناتچىلىرى «سۆز ئۇرۇشى» قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ۋە نامى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئايال باياناتچىلىرى بىر مەيدان «سۆز ئۇرۇشى» قوزغىدى.

«سودا دۇنياسى» گېزىتىنىڭ 23-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم خىتاي تەرەپنىڭ ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇپ، تاشقى دۇنيانى بىخۇدلاشتۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى ھەمدە «3-يانۋاردا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس ئەۋرىشكىلىرىنى يوقىتىپ، ۋۇخەندىكى دوختۇرلارنىڭ زۇۋانىنى ئۆچۈرۈپ بولدى،» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بولسا ئۆزلىرىنىڭ ۋىرۇس ھەققىدە ئاللىقاچان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «يالغانچىلىق قىلىش بەدىلىگە ئامېرىكا ئۇلۇغ مەملىكەت بولۇپ قالمايدۇ،» دېدى.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تىۋىتتېر بەتلىرىدە ئەۋج ئالغان «سۆز ئۇرۇش» ئىدا مۇھىم نۇقتا خىتاينىڭ ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلىغاندا بۇ ئەھۋالنى دۇنيادىن يوشۇرۇشى ھەققىدە بولدى. تاجسىمان ۋىرۇسى دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ، خەلقىئالەمنىڭ غەزەپ-نەپرىتى خىتايغا بۇرۇلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاندىن ۋۇخەندىكى ۋىرۇس ھەققىدە ئەڭ دەسلەپ مەلۇمات بەرگەن دوختۇرلارنىڭ «ئۈنىنى ئۆچۈرگەن»، ساقچىلارنى «بىر ياقلىق قىلغان.»

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغاندىن كېيىن يەنە كۆپ قېتىم بايانات بېرىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋىرۇس ھەققىدە بالدۇرراق بىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويغان بولسا ياخشى بولار ئىدى،» دېدى.

يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى تىۋىتتېرنىڭ باش دىرېكتورىغا مەكتۇپ يوللاپ: «يالغانچىلىق ئارقىلىق تەشۋىقات ئۇرۇشى قىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى خادىملىرىنىڭ تىۋىتتېر ھېساباتلىرىنى مەڭگۈلۈككە تاقىۋېتىش» نى تەلەپ قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت