ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ كېلەر ھەپتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىدۇ

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-7-ئاپرېل كۈنلىرى ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا شتاتىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جەريانىدا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن بىر ئارىغا كېلىدىكەن. بۈگۈن ئاقسارايدىن بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە بېرىلگەن باياناتتا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىش جەريانىدا يەرشارى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار كەڭ دائىرىلىك تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما ئۇنىڭدا كونكرېت تېمىلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لۇ كاڭ ئۇچرىشىش ھەققىدىكى سۆزىدە ئاساسلىق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگە مەركەزلىشىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئەمەلىيلىشىدىغان بۇ تۇنجى ئۇچرىشىش نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا. چۈنكى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ پرېزىدېنت بولۇشتىن ئاۋۋال ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە ۋە تەيۋەن مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىشىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى قىلغان بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىنكى پوزىتسيىسىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە بولغان پەرۋاسىزلىقى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان ئىدى.

شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر بۇ ئۇچرىشىشنى ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن مۇھىم، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت