ئامېرىكا-خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبىتىدە قاتتىق كەيپىيات داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-04-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ چۇقانلىرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقاندا گەرچە مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش تەكلىپلىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى پوزىتسىيەسىدە يۇمشاش ئامىللىرى يوقنىڭ ئورنىدا بولماقتا ئىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 30-ئاپرېل سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، سۆھبەت ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ تەلىپىنى خىتاي تەرەپنىڭ رەت قىلىش ئېھتىمالى چوڭ ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تەرەپ ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودىسىدىكى 375 مىليارد دوللارلىق يىللىق سودا قىزىل رەقىمىدىن 100 مىليارد دوللارنى قىسقارتىش ھەمدە خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكا بىلەن تەقلىدىي ئەقىل، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە سودا ئايروپىلانلىرى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە 300 مىليارد دوللارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا سودىسى قىلىشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ھالبۇكى بېيجىڭ تەرەپنىڭ بۇ تەلەپنى رەت قىلىش ئېھتىمالى بەك چوڭ ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن رۇەن زوڭزې بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئىشلار ئەسلىدە بۇنچە مۇرەككەپلىشىپ كەتمىسە ياخشىراق بولاتتى. ئەمما بۇ يەردە ئوينىلىۋاتقان ئويۇن بەك كۆپ،» دېگەن.

«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 29-ئاپرېلدىكى سانىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا ئامېرىكىنىڭ مالىيە سېكرېتارى ستېۋېن منۇشىننىڭ مۇشۇ ھەقتىكى سۆھبەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك بۇ قېتىم ئامېرىكا تەرەپنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشىنى «بۇ بەكمۇ خەتەرلىك ئىستراتېگىيە. ئەگەر بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا غايەت زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئەمما قاملاشماي قالسا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كېتىدۇ،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت