ئامېرىكا خىتايدىكى زاۋۇت-كارخانىلارنى خىتايدىن چېكىنىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-05-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە كارخانىلىرىنى ئامېرىكاغا قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. بۇ قېتىمقى تاجسىمان ۋىرۇسى دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ چاقىرىق يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» رادىيوسىنىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار باج كەچۈرۈم قىلىش، مۇناسىۋەتلىك يېڭى بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىش، زۆرۈر بولغان ئىقتىسادىي تولۇقلىما ياردىمى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق چارىلار بىلەن خىتايدىكى ئامېرىكا زاۋۇت-كارخانىلىرىنى ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كېلىشنى جىددىي مۇزاكىرە قىلماقتىكەن.

بولۇپمۇ مۇشۇ قېتىمقى ۋىرۇس ئاپىتىدە ئامېرىكانىڭ كۆپلىگەن تېببىي بۇيۇملار تەمىناتىدا ئۆز-ئۆزىنى قامدىيالماسلىقى، بۇنىڭ بولسا بىۋاسىتە ھالدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى تۈپەيلىدىن بۇ ھەقتىكى چۇقانلار تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقماقتىكەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئۇچۇر يوللاپ «ھازىر خىتايدىكى بەزى ساراڭلار نەچچە يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋىرۇس ئۈچۈن تاشقى دۇنيانى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلغىلى تۇردى. بۇ كالۋالارغا شۇنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار: بۇ قېتىمقى دۇنياۋى قاتىللىق پەقەت ‹خىتاينىڭ قابىلىيەتسىزلىكى›دىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى ئاز سانلىقلار رەھبىرى كېۋىن مەككارتىي بۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ھازىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئىككى پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ئۈچۈن زىچ ھەمكارلىشىشى ھەققىدە توختىلىپ «خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇئامىلىدە بىز ‹دېموكراتلار ئىستراتېگىيەسى› ياكى ‹جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىستراتېگىيەسى› دېگەنلەرگە موھتاج ئەمەس. بىزگە لازىمى پەقەت ‹ئامېرىكا ئىستراتېگىيەسى›دۇر» دېگەن. شۇنىڭدەك خىتايدىكى تاۋار تەمىنات زەنجىرىنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ ھېچقاچانمۇ ھازىرقىدەك زۆرۈر بولۇپ باقمىغانلىقىنى، ئاشۇ كارخانا ۋە زاۋۇتلارنىڭ خىتايدىكى مەشغۇلاتلىرىنى ئامېرىكا تۇپرىقىدا بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئاسان ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت