ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتايلارنىڭ ئامېرىكادا تەبىئىي پەن ساھەسىدە ئوقۇشىنى چەكلەش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى تونۇشتۇردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-05-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن توم كوتتون ۋە مارشا بىلاكبۇرن قاتارلىقلار 27-ماي كۈنى «بىخەتەر ئالىي مەكتەپ رايونى قانۇنى» ناملىق بىر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان. بۇ قانۇن لايىھەسى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكادا STEM ساھەسى دەپ بىلىنىدىغان، يەنى ماتىماتىكا، ئېنژىنېرلىق ۋە پەن-تېخنىكا كەسىپلىرىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشى ئۈچۈن ۋىزا ئېلىشىنى چەكلەيدىكەن.

بۇ قانۇن لايىھەسى بويىچە يەنە ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتاينىڭ «مىڭلىغان ئىختىساسلىقلار پروگراممىسى» قاتارلىق چەتئەللىك ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەكلىپ قىلىش پروگراممىلىرىغا قاتنىشىشىغىمۇ چەكلىمە قويۇلىدىكەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى توم كوتتون ئۆزىنىڭ تور بېتىدە قىلغان سۆزىدە: «خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنى بازا قىلىپ جاسۇسلۇق قىلدى. تېخىمۇ چاتاق يېرى شۇكى، خىتاي ئامېرىكانىڭ قانۇنلىرىدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەمدى بۇنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى كەلدى. ‹بىخەتەر ئالىي مەكتەپ رايونى قانۇنى› دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىنى قوغدايدۇ،» دېگەن.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى مارشا بىلاكبۇرن مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭ ئوقۇش ۋە تەتقىقات ۋىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا ئىلىم-پەن ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاۋاتىدۇ. خىتاينىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىدىكى كەمچىللىكلىرىنى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە باج تاپشۇرغۇچىلىرىنىڭ دوللارلىرى بىلەن تولدۇرۇپ بەردى. ئەمدى بۇنىڭغا خاتىمە بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى.»

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 28-ماي ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خىتاي ئارمىيەسىگە چېتىشلىق ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ياكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت